English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Tambur
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
تەمبۈر
بۇ قەدىمكى مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى بەش تارلىق بەربابتىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دۇنخۋاڭ مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىدىكى رەسىملەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ (سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە) قىسقا ساپلىق شەكىلدىن تەدرىجىي ئاساستا ئۇزىرىپ، ئۇزۇن ساپلىق ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تەمبۈر ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن 140 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بېشى نەشپۈت شەكلىدە سوزۇنچاقراق، ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياكى ياغاچ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ۋە دەستىسى ئادەتتە كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىپ، 30 غا يېقىن پەدە قويۇلىدۇ ھەمدە سىم تار سېلىنىپ، بارماق ئۇچىغا سىم ناخۇل بېكىتىلىپ چېكىپ چېلىنىدۇ. باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلىدۇ.
تەمبۈرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەستىسى ئۇزۇن بولغانلىقتىن تارسىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكىس سادالىق ۋە يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە.
تەمبۈرنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە مۇقام ۋە مەشرەپلەدە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن بىللە ئورۇندىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇقام سىستېمىسىدا ئۇنىڭ تۇتقان ئورنى ساتار بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تەمبۈر ئىلى ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا كۆپرەك تارالغان.
تەمبۈر بەش تارلىق بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ تارى مەخسۇس مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تەمبۈرنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، مۇڭلۇق، سادالىق بولۇپ، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگىدۇر.