Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تاڭلاي، بوغۇز.
تامىقىنى قاقماق، تامىقىنى چەكمەك.* تامىقىنى قىرماق.* تامىقى ئىششىپ قالماق.* تاماق بېرىپ، تامىقىدىن ئىلىپتۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئاش، غىزا، تائام.
تاماق ئەتمەك، تاماقلانماق، تاماق يېمەك.* تاماقخانا.* تاماقتىن قالماق، تاماققا كىرىشمەك.* تاماقتىن قىسماق.* كېچىدىكى تاماققا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مىلتىقنىڭ ئوق سېلىنىدىغان يېرى.
ئوق تاماققا سېلىندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاماق يولىنىڭ يۇقىرى قىسمى.
ئات ئايىغىدىن، ئەر گېلىدىن كېتىدۇ. بوغۇزىڭدىن بوغۇزلايمەن، - دەپتۇ ئۇنىڭغا رەقىبى، تاماق بېرىپ تامىقىدىن ئاپتۇ. كېكىردىكىڭنى كەرمە. ئاچ بۆرە ھەلقۇمدىن ئالار. جان تۇمشۇققا (ھەلقۇمغا) كەلگەندە سۈرە ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كېكىردەك، گال، بوغۇز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى چىشتىن تارتىپ بوغۇزغىچە بولغان قىسمى، قاتتىق تاڭلاي.
تامىقىنى قىرماق.
قىزىلئۆڭگەچ بىلەن كېكىردەك ئارىلىقىدىكى جاي؛ بوغۇز.
پاتەمخانىڭ تامىقى بوغۇلۇپ ئاڭىنار - ئاڭلانماس: - بىلمىدىم، - دېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
غىزا، تائام، يېمەكلىك.
پۇل - پىششىق تاماق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەتلەس دۇكىنىدىكى ئۆرۈش يىپلارنى مەلۇم كەڭلىكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چىگىلگەن تاياقچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىلتىقنىڭ ئوق سېلىنىدىغان جايى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تىرنا، بارانا.
تاماقلىماق.* تاماق سالماق.* تاماق سال، مول ھوسۇل ئال ( ماقال ).