Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاماملىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنى ئاخىرىغا يەتكۈزمەك.
ھەممىنى بىر قېتىمدا تۈگەتمەكچى بولغان بىرىنىمۇ تۈگىتەلمەس. بىر ئىشنى تاماملىماي، يەنە بىر ئىشقا ئۆتمە. ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. ھەر ماقالىنىڭ ئاخىرىغا خاتىمە بېرىلىدۇ. بۇنداق يامان قىلىقلارغا خاتىمە بەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشلىغان ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنلاپ بولماق، ئاخىرىغا يەتكۈزمەك.
باشلىماق
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشقا دەسلەپ كىرىشمەك.
باشلاشنى بىلسەڭ، ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ھاراق ئىچىش - سەلتەنەت بىلەن باشلىنار، جەڭ - جېدەل بىلەن ئاخىرلىشار. بوران باشلانسا، داستىخان تاماملىنار. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. باشلىغان ئىشنى تۈگەتمەي تاشلىما. ئىشنى باشلىساڭ ئەگەر، تىرىشىپ ئىشلە پۈتكەنگە قەدەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاخىرلاشتۇرماق، تۈگەتمەك.
ئابلىمىت بىر كۈنلۈك ئىشنى تاماملاپ، ئالدىراش ئۆيىگە قايتتى.