Uyghurئاساسىي لۇغەت
تام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئۆي _ ئىمارەتنىڭ تورۇسىنى كۆتۈرۈپ ۋە ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان، لاي، خىش، كېسەك، ياغاچلاردىن تىك كۆتۈرۈپ سېلىنغان قۇرۇلما، دىۋار.
تامچى.* ئەنجان تام، سوقما تام، خىش تام، كېسەك تام.* تام سوقماق، تام سالماق.* تام _ تورۇس.* تام گېزىت، تام مەش، تام سائەت، تام ئەينەك، تام قوشنا.* تام تېشەر.* تامغا مىنمەك، تامغا ئۈسمەك.* تامدەك تۇرماق، تامدەك تاتارماق.* تۆت تام بىر كۇلۇڭ.* تامدىن تارىشا چۈشكەندەك.* يالغۇز خىش تام بولماس ( ماقال ).* تامنىڭمۇ قۇلىقى بار ( ماقال ).* تام ياقىلىساڭ، تام باسار ( ماقال ). ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازىسى قۇلۇپلاقلىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جاڭزا، داچا
تامغا بېرىپ يازلاپ كەلمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تامماق، تېىش. تامچىلاپ چۈشمەك ۋە ئاقماق.
چېلەك تېمىپ قاپتۇ.* ئۇنىڭ كۆز يېشى ئېتىكىگە تېمىپ چۈشتى.* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدىغان.* تىلىدىن ھەسەل تامىدۇ، زەھەرمۇ تامىدۇ.* تاما _ تاما كۆل بولار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
( قۇمۇل شېۋىسىدە ) ئاز، كەم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تولا، تولۇق، پۈتۈن.
كەمچىلىكسىز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تولا، تولۇق، بارلىق، پۈتۈنلەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان جەھەتتىن كۆپنىڭ تەتۈرى، كۆپ ئەمەس.
«تام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئازچىلىق. ئاز سانلىق مىللەت. ئاز يە، كۆپ چاينا. ئاز بولسىمۇ، كۆپكە تاۋاپ. ئاز سۆزلە، كۆپ ئويلا. ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قالما. ئاز ئېشىم، غوۋغاسىز بېشىم. ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ. ئاز يە، ئاسان تىرىل. ئەركىن بازاردىن ئون جىڭ قاق ئاپتىكەن، جىڭلاپ كۆرسەك، يېرىم جىڭ كەم چىقتى. تىيىننىڭ ئۆمرى كۇتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - ئىمارەتنىڭ ئۈستىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، كېسەك، خىش، لايدىن ياسالغان توسما.
«دىۋار» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ.
تامنىڭمۇ قۇلىقى بار. توخۇ ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا. ئاۋۋالقى خىشنى قىڭغىر قويسا گەرمېمار، يۇلتۇزغا يەتسىمۇ قىڭغىردۇر دىۋار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاز، كەم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تام.
3 - 214
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىناكارلىق
ئۆي ۋە بىنانىڭ ئۈستى تەرىپىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپنى ئوراپ تۇرىدىغان ۋە كېسەك، خىش، ياغاچ قاتارلىقلاردىن تىك كۆتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان قۇرۇلما.
كېسەك تام.