Uyghurئاساسىي لۇغەت
تالۇت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. بەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى. قەيت قىلىنىشچە، كىشىلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قايىل بولمىغان. جالۇت بىلەن جەڭ قىلىپ قوشۇن دەريا بويىغا بارغاندا ئەسكەرلەرنى سۇ ئىچمەسلىك بىلەن سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، دۈم يېتىپ سۇ ئىچكەنلەرنىڭ ئاللا ئىشەنمەيدىغانلار، سۇ ئىچىمىگەن ياكى سۇنى ئۇچۇملاپ ئېلىپ گېلىنى نەملىگەنلەرنىڭ ئىمانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سۇنى ئۇچۇملاپ ئىچكەنلەر ئاز بولىدۇ، تالۇت ئاشۇ ئاز ساندىكى ئىمانلىقلارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلىپ، ئاز ئادەم بىلەن كۆپ دۈشمەننى يېڭىدۇ. جالۇتنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى داۋۇد ئۆلتۈرىدۇ.