Uyghurئاساسىي لۇغەت
تالقان
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تالقان.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئوغلۇم ئۆگۈت ئالغىل بىلىكسىزلىك كېتەر
تالقان كىمىڭ بولسا ئاڭار بەكمەس قاتار
{ئوغلۇم ئۆگۈت _ نەسىھەت ئالغىن، بىلىمسىزلىكنى (ئۆزەڭدىن) كەتكۈز،
كىمنىڭ تالقىنى بولسا، ئۇنىڭغا شىرنە قاتىدۇ.}
ئەي ئوغۇل ئۆگۈت - نەسىھەتنى قوبۇل قىل. ئۆزەڭدىن نادانلىقنى نېرى كەتكۈز؛ تالقىنى بولغان كىشى ئۇنىڭغا شىرنە قاتىدۇ، ئەقلى بولغان كىشى ئۆگۈت - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ.
1 - 573
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كۈنجۈت 140 گرام، ئاق شېكەر 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 70 گرام، قوي ياكى كالا يېغى (كالىنىڭ يىلىكى بەك ياخشى) 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، ئۇننى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ
ئېلىنىدۇ.
قورۇلغان تالقان بۇزۇلمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. چايغا سېلىپ شىرە چاي قىلىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كۈنجۈت 140 گرام، ئاق شېكەر 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 70 گرام، قوي ياكى كالا يېغى (كالىنىڭ يىلىكى بەك ياخشى) 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، ئۇننى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ
ئېلىنىدۇ.
قورۇلغان تالقان بۇزۇلمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. چايغا سېلىپ شىرە چاي قىلىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇما ئۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قازاندا قورۇلغان داندىن تارتىلغان ياكى قازاندا قورۇلغان ئۇن.
سۈپ. ئۇۋالغان، ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن.
تالقان دورا. تالقان قىلماق.