Uyghurئاساسىي لۇغەت
تالىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپ - مەدرىسلەردە ئوقۇيدىغان بالا، كىشى.
ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى. ئەقىللىق ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئېشىپ چۈشۈشكە ئىنتىلىدۇ. ھازىر بەزى جايلاردا موللىلار مەكتەپ ئېچىپ تالىپ قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ. 1988 - يىلىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگودا 13 مىليون 16 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 40 مىليون 155 مىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 125 مىليون 358 مىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بالىلارنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۇماي: مەكتەپ بالىسىمۇ شۇنداق بولامدۇ، - دېدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئوقوغۇچى»، «ئىزدەنگۈچى» دېگەنلىك بولۇپ، سىرلىق بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «سەلىك»، «مۇرىد» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەدرىسىلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى.
دەرسخانىدا 30 چە تالىپ ئولتۇراتتى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.