Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ
تۇراقلىق ئىبارىلەر
挑来选去,碰了个秃子(瓜里挑瓜,挑了个苦瓜)
tiāo lái xuàn qù ,pèng le gè tū zǐ (guā lǐ tiāo guā ,tiāo le gè kǔ guā )
بۇ، كۆڭلىگە ھېچنېمە ياقمايدىغان، بىر نەرسىنى كۆپ تاللاپ، ئاسانلىقچە ياراتمايدىغان ئادەملەر ئاخىر ئەرزىمەس، يارامسىز نەرسىلەرگە ئۇچراپ، زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - كۈيئوغۇل دېگەننى ئوبدان ئويلاپ، تاللىمىسا بولمايدۇ. قىزىمنى نى - نى يەرلەرگە بەرمىدىم، ئەمدى ئۆتۈپ - تېشىپ ناتونۇش بىر ئادەمگە بېرەمتىم؟ تاللاپ - تاللاپ تازغا، ئۇچراپتۇ دېگەندەك، خەلقىئالەم ئالدىدا قايسى يۈزۈم بىلەن باش كۆتۈرۈپ يۈرىمە؟ دېدى ئاغچىخان زىلەيخانغا.