Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ»بۇ، كۆڭلىگە ھېچنېمە ياقمايدىغان، بىر نەرسىنى كۆپ تاللاپ، ئاسانلىقچە ياراتمايدىغان ئادەملەر ئاخىر ئەرزىمەس، يارامسىز نەرسىلەرگە ئۇچراپ، زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - كۈيئوغۇل دېگەننى ئوبدان ئويلاپ، تاللىمىسا بولمايدۇ. قىزىمنى نى - نى يەرلەرگە بەرمىدىم، ئەمدى ئۆتۈپ - تېشىپ ناتونۇش بىر ئادەمگە بېرەمتىم؟ تاللاپ - تاللاپ تازغا، ئۇچراپتۇ دېگەندەك، خەلقىئالەم ئالدىدا قايسى يۈزۈم بىلەن باش كۆتۈرۈپ يۈرىمە؟ دېدى ئاغچىخان زىلەيخانغا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.