Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔列兰
دۇنيا تارىخى
تاللېيراند
(1754 - 1838). فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1797 - 1807، 1814 - 1815). يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېنولوگىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1788-يىلى ئائۇدوننىڭ ئېپىسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 5-ئايدا راھىبلارنىڭ چېركاۋ مال - مۈلكىدىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ <سىبۇئونېر پۇقرالار تەشكىلىي قانۇنى> نى ھىمايە قىلغان تۆت ئېپىسكوپنىڭ بىرى. 1972-يىلى فرانسىيىنىڭ ئەنگلىيىەد تۇرۇشلۇق باش بىرى. 1972-يىلى فرانسىيىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. 10-ئاۋغۇست قوزغىىڭىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىپ، 1796-يىلى 9-ئايدا دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1797-يىلىدىن باشلاپ تەپتىش ھۆكۈمىتى، كونسۇل ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرى، بىرىنچى ئىمپېرىيە ۋە تىرىلگەن سۇلالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە <لۇنېۋىللې سۈلھ شەرتنامىسى> (1801) ۋە <ئامېنىس سۈلھ شەرتنامىسى> (1802) نىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان. 1804-يىلى ئىمپېراتور ناپولېئوننىڭ نۆكەر باشلىقى بولغان ناپولېئون تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ تىرىلىشىنى قوللىغان ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، فرانسىيىنىڭ ئورنىنى ياخشىلىغان. 1815-يىلى 7-ئايدا مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇپ، 1834-يىلى ئىستېپا بەرگەن. <ئەسلىمە>، <ناپولېئونغا يېزىلىپ ئېلان قىلىمىغان خەتلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.