Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔利安
دائىرە: دۇنيا تارىخىتاللىئېن
(1767 - 1820). فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى تومۇز ئاي پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي داھىيىلىرىدىن بىرى. نامرات ئائىلىد تۇغۇلغان. دۇكان خىزمەتچىسى، خىزمەتچى بولغان. كېيىن 1789-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ كاتىپ ئەمەلدارى بولغان ۋە 9-ئايدىكى ئەكسىلئىنقىلابىچىلارنى تازىلاشقا قاتناشقان، مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. شۇ ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى سۈپىتىدە بوردېئائكس قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىرغىن قىلغانلىقى ۋە كۆپلىگەن مال - ۈلۈكلەرنى يۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن چاقىرتىۋېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن روبىسپېرر بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسىي پىلانلىغۇچىلىرىنى بىرىگە ئايلانغان. ياكوبىن كۇلۇبىنى پېچەتلەپ، ئىنقىلابىي سوتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 1795-يىلى 5-ئايدىكى تاغلىقلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تەپتىش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بەش يۈز كىشىلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، مىسىرغا يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدىن باشلاپ، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قايتا قاتناشمىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.