Uyghurئاساسىي لۇغەت
تالانت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ياراملىق سۇبيېكتىپ شەرتلەر.
«ئىقتىدار» كۆپىنچە كۈچ - قۇۋۋەتكە دائىر.
«ئىستېدات»، «تالانت» لار تەبىئىي ئەقىل - پاراسەت، ئىجادىي كۈچ ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە قارىتىلىدۇ.
«بىڭسى» خەنزۇچە: 本事 . ئېغىز تىلىدا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ، كۆپىنچە ماھارەتك
بىلىم ئەمگەكتىن كېلەر، قابىلىيەت كۈرەشتىن. قابىلىيەتنى قىيىنچىلىقتىن ئۆگەن. ئىقتىدارمۇ مۇسكۇلدەك چېنىقىشتىن كېلەر. مەندە مەسىلىنى تېگى - تەكتىگىچە سۈرۈشتۈرۈشتىن باشقا ئىستېدات يوق. تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلەر. «تالانت» تەربىيلەيدىغان مەخسۇس مەكتەپ يوق. بىڭسىڭ بولسا، كۆرسەت. ئادەمنىڭ بىڭسىسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسىسى تۇياقتا.
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ يۇكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان زېھىن ۋە قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇ مەلۇم بىر قىيىن ۋە مۇرەككەپ ۋەزىپىنى كارامەت ياخشى تاماملاشتا ئىپادىلىنىدۇ. تالانت كىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئاساسىدا، تەربىيە ۋە شارائىت تەسىرىدە، كىشىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، ھەمدە ئەمەلىيىتى جەريانىدا، كوللېكتىپىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تەدرىجى تەرەققىي قىلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى كىشىنىڭ ئەزەلدىن بۇيانقى ئەلا دەرىجىدىكى ئەقىل - پاراسىتى، بولۇپمۇ ئادەتتىن تاشقىرى تەپەككۇر قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن تەڭ تالانتلىق كىشلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئىندىۋىدۇئال پەزىلەت، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئالغا بېسىش، ئۆز كۈچىگە ئىشىنىش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، چىداملىق بولۇش قاتارلىقلار بولىدۇ. ياخشى ئىندىۋىدۇئال پەزىلەت قابىلىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەخىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ مۇھىم شەرتى. تالانت توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار نەتىجىسمۇ يالغۇز ئەقلىي قابلىيەتكە تايىنىش بىلەن تەبىئىي ھالدا تالانتلىق بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئىلگىرى تالانتنى ئۆلچەيدىغان ئېنىق ۋە بىر خىل ئۆلچەم يوق ئىدى. مۇشۇ ئەسىر باشلانغاندىن بۇيان بىر مۇنچىلىغان پىسخولوگلار ئەقلىي سىناشلارنىڭ نەتىجىسىنى تالانتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئامېرىكا پسخولوگى تېرمان ئەقلىي بۆلۈنمىسى 140 تىن يۇقىرى بولغان بالىنى تالانتلىق بالا دەپ ئاتىدى، لېكىن ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى بالىنىڭ چوقۇم بىر نەتىجە قازىنىشى ناتايىن، ئامېرىكا پسىخولوگى خوللىنگۋورد ئەقلىي بۆلۈنمىسى دىن يۇقىرى بالىلاردىن ھەر 10 كىشى ئىچىدىن پەقەت بىر ياكى ئىككىسى ھەقىقىي تالانت ئىگىسى بولۇپ چىقىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، دېمەك، ئەقلىي قابىلىيەتنى تالانت ئىگىسى بولۇپ چىقىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. دېمەك، ئەقلىي قابىلىيەتنى تالانتنى ئۆلچەشنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى قىلىش توغرا ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
زور قابىلىيەت، ئىقتىدار، ئىستېدات.
تالانت - چىداملىق بولۇش دېمەكتۇر.