Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاڭلا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەتە، ئەتىسى:
چىقار تاڭلا شاھى بۇتى قاشىغە،
خەبەر ھەم بېرۇرلەر قارى - ياشىغە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۈگۈندىن كېيىن كېلىدىغان كۈن.
تۈنۈگۈن، ئاخشام
بۈگۈندىن ئىلگىرى ئۆتكەن كۈن.
ھېچكىم تۈنۈگۈننى چاقىرىپ كېلەلمەس. ئەتىگە - ئەتىنىڭ شامىلى چىقىدۇ. ئالدىرماڭ، ئاستا كېلەر، تېڭىرقىساڭ، تاڭلا كېلەر. تۈنۈگۈننى كارامەتكە ئەتە ھېچكىم تاڭ قالماس. تۈنۈگۈن ئۆتتى، ئەتىگە خۇدايىم بار. ئاخشام ئويلىغاننى ئەتە ئېيت. تۈنۈگۈنكىگە يېتەلمىسەڭ، ئەتىكىدىن ئۆتەلمەيسەن.
كەتتى مۇدھىش قىش كۈنى،
مەلۇم ئەمەستۇر ئەتىسى.
خۇش تۇتايلى ئۇشبۇ كۈننى،
ئەتەنى كىم بىلگۈسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇگۈندىن كېيىنكى كۈن، كەلگۈسى كۈن.
ئەتە ئەتىنىڭ بورىنى چىقار. ئەتە سەن ئارىپىغا زار بولماي دېسەڭ، بۈگۈن تەر، ئېھتىمال، بۇغداي نان يېسەڭ. ئالدىرىماڭ ئاستا كېلەر، تېڭىرقىماڭ تاڭلار كېلەر.
شىۋىلەر
ئەتە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاڭ ئاتماق، يورۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كېيىنكى كۈندىكى، شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىكى، ئەتىكى.
بارىكاللا! تاڭلا كەچكە تەييارلاشلىرىنى تاپشۇرسام قانداق دەيلىكىن، تەخسىر؟ * ئاي جېنىم تاڭلا كېلىڭ، تاڭلار ئاتقاندا كېلىڭ؛ مەيلىڭىز بولسا نىگارىم، ئالمىلىق باغقا كېلىڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تاڭ بىلەن تەڭ؛ تاڭدەك يورۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تاڭھ بىلەن باراۋەر؛ ئەتە، يەنە بىر كۈن .