Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تاجىسىمان قان ئايلىنىش
بىئولوگىيە
冠状循环
guànzhuàngxúnhuán
يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئايلىنىش. تاجىسىمان ئارتېرىيە، كاپىلليار قان تومۇرلىرى ۋە تاجىسىمان ۋېنالاردىن تەركىب تاپقان. تاجىسىمان ئارتېرىيە ئوڭ - سول ئىككى تارماق بولۇپ، ئائورتىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىن بۆلۈنۈپ چىقىش شاخلىنىش ئارقىلىق كىچىك ئارتېرىيىلەرگە ئايلىنىدۇ، ئاخىرىدا كاپىلليار قان تومۇرلىرىغا ئايلىنىپ پۈتۈن يۈرەككە تارقىلىدۇ. يۈرەكتە كاپىلليار قان تومۇرلار ناھايىتى مول بولۇپ ھەربىر تال يۈرەك مۇسكۇلىدا دېگۈدەك بىر تالدىن كاپىلليار قان تومۇرى بىللە بولىدۇ. ئاندىن كاپىلليار قان تومۇرلىرى يىغىلىپ كىچىك ۋېناغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن تاجسىمان سنوسقا يىغىلىدۇ، يەنە ئاز بىر قىسمى يۈرەك ئالدى ۋىناسىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ھەممىسى يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا قويۇلىدۇ. تاجسىمان قان ئايلىنىشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى يۈرەككە كېرەكلىك قان مىقدارى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوكسېگىن سەرپىياتى يۇقىرىراق بولىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ پائالىيىتى كۈچىيىپ ئوكسېگىن سەرپىياتى 30 پىرسەنتتىن ئارتۇقچە ئاشىدۇ. نورمال ئەھۋالدا تاجسىمان قان تومۇرى كېڭەيسە قان ئېقىش مىقدارى ئېشىپ يۈرەك مۇسكۇلىغا كېرەكلىك قان مىقدارى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئوكسېگىن سەرپىياتىنى قانائەتلەندۈرۈش بىلەن يۈرەك پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن بەدەننىڭ مېتابولىزمنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پاتولوگىيىلىك ئەھۋال ئاستىدا، مەسىلەن، تاجسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيىسى قېتىشىپ، تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ نەتىجىدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قان تەمىناتى يېتىشمەي قالىدۇ - دە، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن زور كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيىسىدە تۇتاشتۇرغۇچى تارمىقى بولۇپ، ھەتتا يۈرەك سىرتىدىكى ئارتېرىيىلەر بىلەنمۇ تۇتىشىپ يان شاخ ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتە يان شاخ قان ئايلىنىشىدىكى قان ئېقىش مىقدارى ئاز بولۇپ ئەگەر تاجسىمان ئارتېرىيە تۇيۇقسىز ئېتىلىپ قېلىپ قان تەمىناتى يېتىشمەي قالسا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان يېتىشمەسلىكتىن سوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا بولسا يان شاخ قان ئايلىنىشى تەرەققىي قىلىدۇ ھەم يان شاخ قان ئايلىنىشىنىڭ قان تەمىناتى ئارقىلىق يۈرەككە كېرەكلىك قان مىقدارى قەدەممۇ قەدەم تولۇقلىنىدۇ.