Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاجىكلار
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
«تاجىك» نىڭ ئەسلىي مەنىسى «خان تاجىسى» دېگەنلىك بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى پارس دۆلىتىنىڭ خانى جۇڭگو پادىشاھى بىلەن قۇدىلىشىپ، گۈزەل خەنزۇ مەلىكىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ خانىش قىلىدۇ. مەلىكە پارس ئېلىگە بېرىش يولىدا، تاشقورغاندىن ئۆتىدۇ، دەل شۇ چاغدا ئۇلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، ئېگىز قارلىق تاغدا تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى كېلىشكەن بىر يىگىت قۇياشتىن خاسىيەتلىك تاي بىلەن تاغقا چۈشۈپ مەلىكە بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە مەلىكە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. بۇ ئەقىللىق ئوغۇل تاجىكلارنىڭ ئەجدادى بولىدۇ.
تاجىكلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا تارالغان بولۇپ، كۆپچىلىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ قالغانلىرى يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ۋە گۇما قاتارلىق ناھىيىلەرگە ماكانلاشقان.
تاجىك ئەرلىرى ياقىسىز ئۇدۇل پەشلىك چاپان كىيىپ، بەلۋاغ باغلايدۇ، قىش كۈنلىرى سىلىق تاشلانغان تېرە جۇۋا، بېشىغا قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيىدۇ. ئاياللار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، سىرتلارغا چىققاندا چاسا ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ قىزىل رەڭلىك، ئۇچلۇق مەسە كالاچ كىيىۋالىدۇ. تاجىكلار سېرىقماي ۋە قېتىققا ئامراق، ئۇلار چوشقا گۆشى، ئىت گۆشى ۋە ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشلىرىنى يېمەيدۇ. ئۇلار چاسا، ئۆگزىسى تۈز كەلگەن، ياغاچ - تاش قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كىگىز ئۆيلەردە ۋە پاكار كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.
تاجىكلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەمما ئۇلاردا مەسچىت ئىنتايىن ئاز، مۇخلىسلار رامىزان تۇتمايدۇ، ھەجگە بارمايدۇ، پەقەت ھېيتتىلا ناماز ئوقۇيدۇ. دىنىي سەردار «ئىشان» دەپ ئاتىلىدۇ. تاجىكلار قائىدە - يوسۇنغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، سالاملاشقاندا ئەرلەر ئوڭ قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ، ئاياللارمۇ ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا باش كىيىمىنى ئېلىۋېتىشكە، تۇز ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە دەسسەشكە بولمايدۇ، ئات بىلەن قوي پادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە ياكى قوينى تېپىشكە بولمايدۇ، بولمىسا چوڭ ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئۆز تىلى بار، يېزىقى يوق بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. تاجىكلار ئات مىنىشكە ماھىر، ھېيت - بايرام ياكى توي مۇراسىملىرىدا ئوغلاق تارتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئويۇندا ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلاق ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ، نەچچە ئون مۇنەۋۋەر چەۋەنداز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئوغلاقنى تالىشىدۇ، ئوغلاقنى ئالالىغان ھەمدە دېگەن يەرگە ئاپىرىپ تاشلىيالىغان ئەترەت ئۇتقان بولىدۇ. ئات توپى ئويۇنىمۇ تاجىكلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.
تارىختا، تاجىكلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش خېلى تېز راۋاجلاندى، تاجىكلارنىڭ ساپاسى ئۆستى، چارۋىچىلىق ئىشلىرىمۇ راۋاجلاندى. تاشقورغان »پامىردىكى نۇرلۇق مەرۋايىت«قا ئايلاندى.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تاجىكلار ئاففانىستان بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليوندىن كۆپرەك.
تاجىكلارنىڭ 3 مىليوندىن كۆپرەكى ئاففانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەشقان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ 3 مىليون 300 مىڭى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، روسىيە، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (33 مىڭ)، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇتىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار.
ئاففانىستان تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە، ئاز قىسمى ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ئانچە كۆپ بولمايدۇ.
تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان قەبىلىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە دۆلەت قۇرغان.
ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ.
تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ.
تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان.
تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ.
تاجىكلار ئەدەب ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ.
تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم - كېچەكلىرى قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ.
تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بۇۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بۇۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.