Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
苔藓虫化石
بىئولوگىيە
مۇخسىمان قۇرت تاش قالدۇقى
قەدىمكى دەۋردىكى مۇخسىمان قۇرتلارنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان تاش قالدۇق. مۇخسىمان ھايۋانلارغا كىرىدۇ، تاشقى ئانۇسلۇق ھايۋانلار (Ectoprocta) دەپ ئاتىلىدۇ، ھەقىقىي تەن بوشلۇقى بار، ئانۇسى سېزىش بارماقلىرى چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان، مۇخسىمان قۇرت ئىندىۋىدىنىڭ بەدەن سىرتىدا قاتتىق قاپچۇقى، ئىچىدە يۇمشاق تېنى بولۇپ، شەكلى كىچىك بىر خىل دېڭىز ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ. تولىسى كولونىيىلىشىپ قورام تاش ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ تېنىگە چاپلىشىپ مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. شەكلى مۇخقا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. كولونىيىسىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش چوڭ بولۇپ، پارچە شەكىللىكلىرى، يېرىم يۇمىلاق شارسىمانلىرى، نېپىز پلاستىنكىسىمانلىرى، ۋارونكىسىمانلىرى ۋە نەيچىسىمانلىرى بولىدۇ. ئاغزىنىڭ شەكلى ۋە باشقا تۈزۈلۈشلىرىگە ئاساسەن تاش قالدۇق مۇخسىمان قۇرتلارنى ئالتە ئەترەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ سۈزگە ئېغىزلىقلار ئەترىتى ۋە ھالقا ئېغىزلىقلار ئەترىتى، ئوردوۋىك دەۋرىدىن ھازىرقى دەۋرگىچە ياشاپ كەلگەن؛ پۈۋەكچە تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتى، ئۆزگىرىشچان ئېغىزلىقلار ئەترىتى ۋە يوشۇرۇن ئېغىزلىقلار ئەترىتى، ئوردوۋىك دەۋرىدىن باشلار ترىئاس دەۋرىگىچە ياشىغان؛ كالپۇك ئېغىزلىقلار ئەترىتى يۇرا دەۋرىدىن ھازىرقى دەۋرىگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇخسىمان قۇرتلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. ئىنتايىن كۆپ ساندىكى تۈرلىرىنىڭ يەر قاتلاملىرىدىكى تارقىلىش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، يەر قاتلاملىرىنىڭ يىللىرىنى ئېنىقلاش، گېئولوگىيىلىك قىدىرىشلارنى ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.