Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胎盘
بىئولوگىيە
بالا ھەمرىيى
<پلاتسېنتا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆرەلمە ياكى ھامىلىنىڭ ئانا تەن بىلەن ماددا ئالماشتۇرىدىغان تۈزۈلۈش. سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بالا ھەمراھى تۆرەلمە تىۋىتلىق پەردىسى (بىر قىسىم ئامنىئون پەردىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. تىۋىتلىق پەردىدىكى تىۋىتلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تارقاق بالا ھەمراھى (مەسىلەن، ئات، چوشقا)، ئۇرۇق پەللىسىمان بالا ھەمراھى (مەسىلەن، كالا، قوي)، ھالقىسىمان بالا ھەمراھى (مەسىلەن، مۈشۈك، ئىت) ھەم تەخسىسىمان بالا ھەمراھى (مەسىلەن، پرىماتلار) دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەخسىسىمان بالا ھەمراھى ئەڭ مۇرەككەپ. ئىنسانلارنىڭ بالىياتقۇ تۈۋى چۈشكۈچى پەردە يېنىدىكى تىۋىتلار ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان (قالغان قىسىملىرىدىكى تىۋىتلار كېيىن يوقىلىپ كېتىدۇ) ھەمدە چوڭ شاخچىلارنى چىقارغان بولۇپ، يالىياتقۇ تۈۋى چۈشكۈچى پەردىلىرى بىلەن بىللە تەخسىسىمان بالا ھەمراھىنى تۈزىدۇ. بالا ھەمراھىنىڭ بىر تەرىپى سىلىق بولۇپ، كىندىك بېغى ئارقىلىق ھامىلىگە تۇتىشىدۇ، يەنە بىر تەرىپى يىرىك بولۇپ، ئۇنىڭ تىۋىتلىرى ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئارىلىق بوشلۇقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئانا تېنىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تولۇپ تۇرىدۇ. بالا ھەمراھىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ئانا تەن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت تىۋىتلارنىڭ ئوسموتىك رولى ئارقىلىقلا ھامىلە بىلەن ئانا تەن ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى بېجىرىپ ھامىلىنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشى، نەپەسلىنىشى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قامدايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بالا ھەمراھى گورمونلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھامىلىدارلىقنى ساقلايدۇ، شۇنىڭدەك بالىياتقۇ ۋە سۈت بەزلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خالتىلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا بالا ھەمراھى تۈزۈلۈشى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئېمبرىئونلۇق تەرەققىياتى ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇ بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەم تۆرەلمە تىۋىتلىق پەردىسى (سىرتقى تۆرەلمە پەردىسى) ئېپىتېلىيىسى سۈمۈرۈۋالغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تايىنىدۇ. بۇ ماددىلار كىندىك قان تومۇرلار تورىنى بويلاپ تۆرەلمە تېنىگە سىڭىپ كىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشكە ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا خالتىلىقلار گەرچە سۈت ئەمگۈچىلەرگە كىرسىمۇ، لېكىن بالا ھەمراھى يوق ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى
tāi pán
بالا ھەمرىيىDتېببىي
tāi pán
ئەش، بالا ھەمراھى، بالا يولدىشىDتېببىي
tāi pán
بالا ھەمراھى، ئەشDئۇنىۋېرسال
tāi pán
پلاتسېنتا، ئەش؛ بالا ھەمراھى