Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايىنلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بەلگىلىك، ئېنىق، ئايدىڭ.
كۆڭۈلگە تايىنلىق بولغاندىكىن بولدى ئەمەسمۇ؟
يۈك <ئېھتىمال> دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ.
- توپ سېنىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ، ئوغرىلاپ ئەكەلگەنسەن تايىنلىق، - دېدى مۆمىن.
رەۋ. بىر يولىلا، بىراقلا.
يالغان ئېيتىپ يۈرگىچە، تايىنلىق توي قىلىۋالاي، رۇخسەت بەرگىن دېسەك بولمامدۇ؟
سۈپ. تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، چوڭ ئەمەس؛ چاغلىق.
نومۇر پەرقىمۇ تايىنلىقلا ئىكەنغۇ؟