Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تاينې
دۇنيا تارىخى
泰纳
tài nà
(1828 - 1893) فرانسىيە پەيلاسوپى، تارىخشۇناسى، ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىچىسى، پارىژ ئالىي دارىلمۇئەلىمىندە ئوقۇغان. 1864 - يىلىدىن باشلاپ پارىژ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدە ئېستېتىكا ۋە سەنئەت تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1878-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ناتۇرالىزملىق ئېستېتىكا نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ، مەدەنىيەت - تارىخ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى. دەسلەپ بۇرژۇئا ئەركىنلىك تەرەپدارى بولغان، 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسىدىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە مۇتەئەسسىپلىك ۋە ئەكسىيەتچىلىككە مايىل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ <ھازىرقى زامان فرانسىيىنىڭ مەنبەسى> دېگەن ئەسىرىدە، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئوچۇقتىن - ئوچۇق قارشى تۇرغان، ياكوبىنچىلارنى ھە دەپ كەمستىكەن. ئۇنىڭ يەنە <ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخى>، <سەنئەت پەلسەپىسى> قاتارلىق ئەسەلىرى بار