Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايلور
دۇنيا تارىخى
(1) جون تايلور (1790 - 1862) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1841 - 1845) خۇيگلاردىن. ۋىرگىنىە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1809 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1811 - 1816 - يىللىرى ۋە 1823 - 1825 - يىللىرى ئىككى قېتىم شتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1817 - 1821 - يىللىرى قوشما شتاتلار ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1840 - 1836 - يىللىرى كېڭەش پالااتاسىنى ئەزاسى بولغان. 1840 - يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. زۇڭتۇڭ خاررىسون ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر ئاي بولغاندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە يەر تەقسىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش قانۇنىنى يولغا قويغان؛ باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كىرىمىنى ئاشۇرغان؛ دۆلەت بانكىسى قۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش بىلەن قارشىلىق قىلغان. سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە بىلەن <ۋېيبۇرىست - ئاشبېرتون شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، كانادانىڭ 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يېرىگە ئىگە بولۇۋالغان. كېيىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان، لېكىن نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. (2) ھېنرىي ئوسبورن تايلور (1856 - 1941) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1878-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، ئۈچ يىلدىن كېيىن كولۇمبىيە داشۆسىدە قانۇچنىلىق بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن كولۇمبىيە داشۆسىدە قانۇنچىلىق بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغائ ىگە بولغان. كېيىن قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خارۋارد داشۆسى ۋە ستانفوردا داشۆسىدە دەرس بەرگەن. ھاياتىدا ئون نەچچە خىل ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ئىچىدە <ⅩⅥ ئەسىر ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى> (ئىككى توم)، <ئوتتۇرا ئەسىر ئىدىيە تارىخى> (ئىككى توم)، <قەدىمكى زامان ئىدىيە تارىخى - يىراق قەدىكى زاماندىن خرىستىئان دىنى پەيدا بولغانغىچە ئارىلىقتا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆسۈشى ئۈستىدە تەتقىقات> (ئىككى توم) ۋە باشقىلار.
دۇنيا تارىخى
(1784 - 1850) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1849 - 1850). خويگلاردىن. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئارمىيىگە كىرگەن، ئىندىئانلار ۋە مېكسىكىلىقلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە خۇيگ پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان؛ مېكسىكىدىن تارتىۋالغان زېمىندا يېڭى شتات قۇرغاندا، قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان؛ لېكىن كېيىن قۇلدارلارنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، <1850 - يىلىدىكى مۇرەسسە لايىھىسى> نى تۈزگەن؛ شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قىسقارتىش، ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەبۇس قىلغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان. كېيىن ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.