Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تايكا ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
大化改新
dà huà gǎi xīn
مىلادىن Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم بىر ئىسلاھات. مىلادى 645-يىلى 6-ئايدا شاھزادە چۇدايكېي ئاكاتىسۇئومى كاماتارى بىلەن شېرىكلىشىپ ئوردىدا سوگانو ئىروكانى ئۆلتۈرۈپ، سوگانونىڭ كۈچلىرىنى يوقىتىپ تېننو كوتوكۇنى تەختكە چىقارغان يىل نامىنى تايكا دەپ ئۆزگەرتكەن. 12-ئايدا پايتەختنى نەنپوغا (بۈگۈنكى ساكا) يۆتكىگەن، 646-يىلى (تايكا 2-يىلى) پەرمان ئېلان قىلىنىپ ئىسلاھاتا ئېلىپ بېرىلغان: (1) پادىشاھ جەمەتى ۋە مەركەز ھەر جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ناتىۋانلار تۈزۈمىنى (ئوردىدا قول سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناتىۋانلار بۇنىڭ سىرتىدا) بىكار قىلىش، يەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، ناتىۋانلارنى دۆلەت پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. (2) مەمۇرىي ئورگانلارنى بەلگىلەپ، مەركەزدە ئىككى مەمۇرىيە، سەككىز ۋازارەت، بىر مەھكىمە تەسىس قىلىش، جايلاردا ۋاسساللىق، ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىش. (3) ئاھالە رويخېتىنى تۈزۈپ، ئۈلۈشلۈك يەرلەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىجارە، ئارتۇق - سېلىق ۋەئالۋان - ياساقلارنى يىغىۋېلىش. بۇ ئىسلاھات سۈي - تاڭ سۇلالىلىرى تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئىسلاھات تەدبىرلىرى كىنكى ۋە شەرقىي قىسىمدا يولغا قويۇلۇپ، پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى يېرىم ئەسىردىن كېيىنكى <داباۋ قانۇن - پەرمانى> دا كونكرېت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ياپونىيىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلاھات پەرمانىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى كېيىنكى <دابا قانۇن - پەرمانى> دىن ئېلىنغان دەپ قارىغان؛ ئومۇمەن ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ياپونىيىدە ئىسلاھات ئارقىلىق ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشكەن تېننو تۈزۈمى ئاساسىدىكى دۆلەت قۇرۇلدى دەپ ھېسابلىغان. شۇ چاغدىكى جەمئىەتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا، بەزىلەر ياپونىيە شۇنىڭ بىلەن فېئودال جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، دەپ ھېسابلىسا، بەزىلەر يەنىلا قۇللۇق تۈزۈم باسقۇچىغا كىرىدۇ، دەپ ھېسابلاشقان.