Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قۇلۇندىن چوڭ، بىر ياشلىق ئات، تايچاق.
تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ ( ماقال ).* تاي تېپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ ( ماقال ).* يېتىم تايدىن يورغا چىقار، يېتىم بالىدىن دورغا چىقار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چىڭداپ، پرېسلاپ تېڭىلغان مال بولۇپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تاي قەغەز.* ئون تاي پاختا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تايماق، تېيىش. 1 . سىيرىلماق، تېيىلماق.
يەر مۇز ئىكەن، پۇتۇم تېيىپ كەتتى.* ئات ئۇرۇق، يول تايغاق، يۈك ئېغىر، مەنزىل يىراق ( ماقال ).
2. يۆتكىلىپ كەتمەك. ئالدىرىغاننىڭ ئۇشۇقى تېيىپتۇ ( ماقال ).* كۆزدىن كۆز تايسا، كۆڭۈلدىن سۆز تايىدۇ ( ماقال ).
شىۋىلەر
مىقدار سۆز. مەسىلەن: بىر تاي پاختا _ بىر تېڭىق پاختا، بىر تاي ماتا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاي.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تەگۈرمەنىڭساۋىمى بىلگەلەگە ئاي
تىنار قالى ئاتاتسا قىسراق سىنى تاي
«يەتكۈز مېنىڭ سۆزۈمنى، بىلىم ئەھلىلىرىگە ئېيت،
تاي ئات بولۇپ قالسا، بايتال تىنىدۇ.»
سۆزۈمنى ئاقىللارغا يەتكۈزگىن، ئەگەر بايتالنىڭ تېيى چوڭىيىپ ئات قاتارىغا كىرسە، بايتال ئارام ئېلىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ ئورنىغا مىنىلىدۇ.
3 - 216
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تايماق
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاي - پارس تىلىدىن كەلگەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، شىنجاڭدا خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ پاختا، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ توپ مىقدارىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بىر تاي 20 توپقا باراۋەر كېلىدۇ. بىر توپ 30 مېتر بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر تاي 60 مېترغا تەڭ بولىدۇ (بۇرھان شەھىدى: <شىنجاڭدا 50 يىلىم>، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999 - يىل 2 - قېتىملىق نەشرى، 11 - بەت).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چوڭ - چوڭ باغلام قىلىپ، چىڭداپ تېڭىلغان مال.
بىر تاي پاختا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاتنىڭ قۇلۇنى؛ شوخ، جەبدەس، چاققان.