Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاگورې
دۇنيا تارىخى
(1) دەۋاركانات تاگورې (1764 - 1846) ھىندىستانلىق مىللەتپەرۋەر. ھىندىستان كالكوتتا چائورا تېغىدىكى كوتگورې قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تۇنجى ئەنگلىيىچە سودا شىركىتىنى تەسىس قىلغان، فېدېراتسىيە بانكىسى ئاچقان. 1833-يىلى رايدىن كېيىن براخمان جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1837-يىلى <يەر ئىگىلىرى جەمئىيىتى> نى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان. ئۇ بېنگالدىكى تۇنجى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات ئىدى. 1824-يىلى ۋە 1845 - يىلى ئىككى قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلىپ شاھزادىلىك مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. (2) دېبېندرانات تاگورې (1817 - 1905). ھىندىستان پەيلاسوپى. دىن ئىسلاھاتچىسى. دۋاركانات تاگورېنىڭ ئوغلى. سانسكرىت تىلى، پارس تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىغا ئۇستا، غەرب پەلىسەپىسىگە پىششىق. ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى كاتىپى بولغان. 1866-يىلى براخمان جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەرنىڭ <ھەقىقىي براخمان جەمئىيىتى> گە رەھبەلىك قىلغان. ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان، ۋەتەن تىلىنى راۋجلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن، ئىلىم - پەننى تەشەببۇس قىلغان، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش ئادىتىگە ۋە ھىندى دىنىنىڭ چاكىنا دىنىي مۇراسىملىرىغا زەربە بەرگەن. ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان، لېكىن غەربنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <براخمان قانۇنى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) رابىندرانات تاگورې (1861 - 1941) ھىندىستان شائىرى، يازغۇچىسى ۋە جەمئىيەت ئەربابى. دېبېندراتنات تاگورېنىڭ ئوغلى. كالكۇتتىدا تۇغۇلغان. كالكۇنتا داشۆسى ۋە لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 17 يېشىدىن تارتىپ بېنگال يېزىقىدا شېئىر يازغان. 19 - ئەسىرنىڭ 80 - ۋە 90-يىللىرىدا بىر نەچچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ھىندىستان ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىناۋىتى يۇقىرى. 1890-يىلدىن كېيىن يېزىغا كۆچۈپ بېرىپ دادىسىنىڭ قورۇقىنى باشقۇرغان. يېزا تۇرمۇشى بىلەن تونۇشقان، ئەمگەكچى خەلققە ھېسداشلىق قىلغان. بېنگال خەلقىنىڭ 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئەدەبىي - ئىجتىمائىي ژۇرنال <خەزىنە> نى بەرپا قىلغان. 1919-يىلى ئامىتسار پاجىئەسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەقدى مىلغان سېر ئۇنۋانىدىن ۋاز كەچكەن. تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلغان ۋە مەدەت بەرگەن. ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تالانتلىق بولۇپ، ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ <كېلىنجالى>، <يېڭى ئاي توپلىمى> قاتارلىق 60 نەچچە شېئىرلار توپلىمى بار، شۇنداقلا <چۆككەن كېمە>، <گوللا> دېگەنگە ئوخشاش رومانلىرى، <قىزىل سۆگەت گۈل> دېگەنگە ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرى ۋە نۇرغۇن نەسرىي ئەسەرلىرى بار. 1913-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرىدە ئەنگلىيىنى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى پاش قىلغان، ئىرقچىلىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن، دېھقانلارنىڭ پاجىئەلىك ھالىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى پاك خىسلەتلىك بولۇپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇ يەنە سۈرەت سىزىش، مۇزىكا ئىشلەشكىمۇ ئۇستا، 1911-يىلى ئىجاد قىلغان <خەلق ئىرادىسى> دېگەن ناخشىسى 1950-يىلى ھىندىستاننىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ بېكىتىلەەن. ساندىنكتان خەلقئارا داشۆسىنى قۇرغان.