Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاغ تىزمىسى
يەر يۈزى قىياپىتى
تاغ تىزمىسى مەلۇم بىر يۆنىلىشنى بويلاپ سوزۇلغان تاغ سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە بىرقانچە ياكى كۆپلىگەن تاغلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىزىلىشى رەتلىك، ئومۇرتقىلىرى ئېنىق بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ ئىسكىلىتىغا ئوخشايدۇ. يۆنىلىشى ئوخشاش بولغان بىرقانچە تاغ تىزمىسى بىرلىكتە تىزىلىپ تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر بەلۋاغسىمان تاغلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ تاغ سىستېمىسى دېيىلىدۇ.
دۇنيادىكى داڭلىق تاغ تىزمىلىرىدىن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىسى، ياۋروپادىكى ئالپ تاغ تىزمىسى، شىمالىي ئامېرىكىدىكى كولدېليېر تاغ تىزمىسى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئاند تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ شەرق - غەرب ئۇزۇنلۇقى2400 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەنۇب - شىمال كەڭلىكى200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى5000 مېتىردىن يۇقىرى. جەنۇبىي ياۋروپاغا جايلاشقان ئالپ تاغ تىزمىسىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى بولغان بلان چوققىسى ئالىقانسىمان ھالەتتە تۆت ئەتراپقا قاراپ سوزۇلغان. شەرققە قاراپ سوزۇلغانلىرىدىن كارپات تاغ تىزمىسى، بالقان تاغ تىزمىسى ۋە كافكاز تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار؛ جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغانلىرىدىن ئاپىننىن تاغ تىزمىسى بار؛ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغانلىرىدىن دىنار - ئالپ تاغ تىزمىسى بار، غەربكە قاراپ سوزۇلغانلىرىدىن پىرېنېي تاغ تىزمىسى بار. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان كولدېليېر تاغ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7000 −8000 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، ئۇنىڭ تارماق تاغ تىزمىلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئاند تاغ تىزمىسى ئۆزئارا تۇتىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى17000 كىلومېتىر كېلىدۇ).
ھىمالايا تاغ تىزمىسى بىلەن ئالپ تاغ تىزمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياش تاغ تىزمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن80 −230 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرىدە، بۇ جايلار يەنىلا بىپايان دېڭىز ئىدى. بۇ ئىككى چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ چۆكمە جىنس قاتلاملىرىدىن ئىلىم - پەن خادىملىرى دېڭىز - ئوكيان مۇھىتى ئاستىدا يېتىلگەن ئاممونىتېس بىلەن ئىختىئوزاۋر قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان زور مىقداردىكى تاش قاتمىسىنى بايقىغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ تاش قاتمىلارنىڭ ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم بولدى. كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى بۇ ئىككى ھەيۋەتلىك چوڭ تاغ تا بۈگۈنگە قەدەر يەنە داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
تاغ تىزمىلىرى جايلاشقان رايونلار يەر پوستى ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان جاي بولۇپ، يانار تاغ ۋە يەر تەۋرەشلەر دائىم مۇشۇ رايونلاردا يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، ئالپ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولغان ئاپېننىن تاغ تىزمىسىدىكى ۋېزۇۋىي يانار تېغى، ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى كوپاكس يانار تېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنياغا داڭلىق چوڭ يانار تاغلار ھېسابلىنىدۇ.
تاغ تىزمىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكلەردە تەبىئىي شارائىت ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ. قار سىزىقىنىڭ ئاستىدىكى ئېگىز تاغ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ۋېرتىكال جايلىشىدۇ. قار سىزىقىنىڭ يۇقىرىسى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئېكۋاتور رايونىدىكى تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىسىدىمۇ ئاپئاق قارلار توپلىنىپ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ ئېكۋاتور ئەتراپىدىكى كىلىمانجارو تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5600 مېتىردىن ئاشىدۇ، تاغ چوققىسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ئېكۋاتورنىڭ قار تاجى» دەپ ئاتىشىدۇ.