Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔菲
دۇنيا تارىخى
تاففې
(1833 - 1895) ئاۋسترىيە باش ۋەزىرى (1868 - 1870،1879 - 1893). 1867، 1870، 1871، 1879-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پولشا، چېخوسلوۋاكىيىلەردىكى فېئودال كونسېرۋاتىپ كۈچلەر ۋە خوخېنۋارت گۇرۇھى فېئودال دىنىي ھوقۇق ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ئاتالمىش <تۆمۈر چەمبەر> ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، غەيرىي گېرمان كونسېراۋتىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن بۇرژۇئازىيىنى بېسىش ئارقىلىق ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. سىرتقا قارىتا ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1879-يىلى گېرمانىيە بىلەن مۇداپىئە ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 1882-يىلى گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، فرانسىيە بىلەن روسىيىگە قارشى تۇرغان. 1893-يىلى سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ قولللىشىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. <تۆمۈر چەمبەر مەزگىلى> گە قاراڭ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tǎ fēi
تافى