Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تابورچىلار
دائىرە: دۇنيا تارىخى塔博尔派
tǎ bó ěr pài
چېختا ⅩⅤ ئەسىردە يۈز بەرگەن خوس ھەرىكىتىدىكى رادىكال گۇرۇھ. تابور شەھىرى (سابىق چېخوسلوۋاكىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) نى پائالىيەت مەركىزى قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ ئۆزىنىڭ ئارمىيىسىنى قۇرغان، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى يان زىزكا بولۇپ، كېيىن پروكوپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسىي ئاممىسى دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئاددىي خەلق بولۇپ ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى فېئوداللىق مۈلۈكچىلىكنى ۋە فېئوداللىق ئىمتىيازنى بىكار قىلىش، ئىخلاسمەنلەر چېركاۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى، <پادىشاھ بولمىغان دۆلەت> قۇرۇشنى، ئەمەلىيەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ گۇرۇھتىكى ئاز سانلىق كىشىلەر تېخىمۇ رادىكاللاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇسكا باشچىلىقىدا خۇسۇسىي مال - مۈلۈكنى تامامەن بىكار قىلىپ، بارلىق ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىىشنى، <پادىشاھ بولمىغان دۆلەت> قۇرۇشنى، ئەمەلىيەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ گۇرۇھتىكى ئاز سانلىق كىشىلەر تېخىمۇ رادىكاللاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇسكا باشچىلىقىدا خۇسۇسىي مال - مۈلۈكنى تامامەن بىكار قىلىپ، بارلىق ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تابورچىلار خوس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىل گۇرۇھ - كالىكس بىلەن بىرلىشىپ، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىمۇندنىڭ چېخقا قىلغان ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. كېيىن كالىكس گۇرۇھى كاتولىك دىنى كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، 1434-يىلى تابورچىلارنى باستۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.