Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تابارناس
دائىرە: دۇنيا تارىخى塔巴尔那
tǎ bā ěr nà
(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅦ ئەسىردە ياشىغان) يەنە لابارناس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىتتى پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغۇچى. تۇدالىياس Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 1640 يىل ئىلگىرى كۇسسارنى مەركەز قىلغان ھالدا كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى <پادىشاھ> دەپ ئېلان قىلىپ، قۇدرەتلىك ھىتتى دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە سالغان. كېيىن <تابارناس> ھىتتى پادىشاھلىرىنىڭ ھۈرمەت نامىغا ئايلانغان (خۇددى رىم ئىمپېراتورلىرى ئۆزىنى <كائېسار> دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش).
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.