Uyghurئاساسىي لۇغەت
تا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تا، تاكى:
- غىچە، - گىچەل:
1. تا سەفەر قىلماققە ئەزم، ئەي ماھىتابان، ئەيلەدىڭ،
ئىلچىلىككە ئىلچىنى گوياكى زىندان ئەيلەدىڭ.
قەلەندەر.
2. كىمسە گەر ئىشكىڭنى ياستانماقدىن ئولمىشتۇر مەلۇل،
ھەجرئلە تا رۇزى مەھشەر قىلمە ھىرماندىن خەلاس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىرئىشنىڭ ئاداققى چېكىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ: تا بۈگۈنگىچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
پارىسچە
ئورۇن ياكى ۋاقىت چېكىنى بىلدۈرىدىغان رەۋىش ۋە رەۋىشداشلار (كۆپىنچە <چە> لىك قۇرۇلمىلار) نىڭ ئالدىدا كېلىپ، چەك ئۇقۇمىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇ ۋەزىپە تەلەپ قىلىپ، تا شەھەرلىك پارتكومغىچە باردى.
باش جۈملىدە ئ ىپادىلەنگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەگەشمە جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش - ھەرىكەتتىن بۇرۇن سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پاتەمخان ھەر كۈنى تاماقنى پىشۇرۇپ، قىزى گۈلشەن تا مەكتەپتىن كەلگىچە يېمەي ساقلاپ تۇراتتى.