Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېخىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بېخىل ئەمەس، پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە مەرد، كىشىگە ھەر جەھەتتىن نەپ يەتكۈزىدىغان، ياردەم بېرىدىغان.
سېخىي جەننىتى _ خۇدا رەھمىتى. جۈمارت _ ئالىيجاناب. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە مەرد، باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان، ھىممەتلىك.
بېخىل، پىخسىق، پىششىق ، خەسىس
ئاسمانغا ئىسىنى، ئىتقا يۇندىسىنى كۆرسەتمەيدىغان، تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان، پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان. ئۆزىنىڭ پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە قىيمايدىغان، باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېسەڭچۇ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. ئۇ شۇنداق پىششىقكى، قىش كۈنى قار سورىساڭ بەرمەيدۇ. خەسىس بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل ئارتۇق. ئۇ تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىرنېمە چىقارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلارمۇ، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىدىن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان؛ مەرد.
سېخىي ئادەم. سېخىي بالا.
كۆچمە. ھاياتى، زۆرۈرىي نەرسىلەرگە چەكسىز باي ۋە ئۇنى ئىنسانغا ئايىماي ئېھسان قىلىپ تۇرىدىغان؛ مول.
ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي (ماقال).