Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۋېن ھېدىن
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1952). شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون، ئېكسپېدىتسىيىچى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇپسالا ۋە بېرلىن، ھاللېلاردا ئوقۇغان. 1885 - يىلىدىن باشلاپ كاپكاز، مېسوپوتامىيە ۋە ئىران قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. كېيىن ئىراندا تەرجىمان بولغان. 1893 - 1898 - يىللاردا ئورېنبۇرگتىن يولغا چىقىپ، ئۇرال، پامىر، شىزاڭ، شىنجاڭ ئارقىلىق بېيجىڭغا بارغانھەمدە سۇتلېچ دەرياسى بىلەن يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگەن. 1899 - 1902 - يىللاردا تارىمنى بويلاپ لوپنۇر كۆلىنى ئايلىنىپ، قۇملۇقنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتكەن. 1905 - يىلى يەنە ئاندىس تاغ تىزمىسىدا ساياھەت قىلغان. 1928 - 1935 - يىللاردا <جۇڭگو - شۋېتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى>گە قاتنىشىپ، ئىچكى مۇڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىرمۇنچە جايلاردىكى تاش قورال دەۋرى خارابىلىرى ۋە يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. <1899 - 1902 - يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى>، <شىزاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى>، <مېنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىچىلىك تۇرمۇشۇم>، <يىپەك يولى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. يەنە <جۇڭگو - شۋېتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭادوكلاتى>نى يازغان.