Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا
دائىرە: دۇنيا تارىخى水真腊
shuǐ zhēn là
تەخمىنەن مىلادى 706 - يىلدىن كېيىن كامبودژا جەنۇبىي كامبودژا ۋە شىمالىي كامبودژا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. جەنۇبىي كامبودژا دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان، كۆل ۋە سازلىقلاركۆپ بولغاچقا، سۇ ئۈستىدىكى كامبودژا دەپ ئاتالغان (شىمالىي قىسمى قۇرۇقلۇقتىكى كامبودژا دېيىلگەن). بروتىب شەھىرنى پايتەخت قىلغان. Ⅸ ئەسىردە سۇ ئۈستىدىكى كامبودژا قۇرۇقلۇقتىكى كامبودژا يەنى كامبودژادىكى ئاڭكۇ سۇلالىسى بىلەن بىرلەشكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.