Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇخسۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۆردەكتىن كىچىكرەك بىر جانىۋار، قوشماق ئۆردەك:
بىر ئاتىم تىيۋەردۇر، بىرى ئۇشتۇر،
تۇرۇقۇم لاچىنۇ ۋەيا سۇخسۇر.
موللا نىياز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۆردەكتىن كىچىكرەك بىر جانىۋار، قوشماق ئۆردەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋا ئۆردەككە ئوخشايدىغان، جۇغى كىچىك، ئاغزى ياپىلاق، بوينى ۋە قاناتلىرى ئۇزۇن، سۇدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان قۇش. ئەركەك - چىشىسى دائىم بىللە بولىدۇ. شۇڭا ئىناق ئەر - خوتۇنغا تەمسىل قىلىنىدۇ.
بىر - بىرىڭلارغا سۇخسۇردەك مېھرىبان بولۇڭلار. قوشماقئۆردەكلەر سەيلىگە چىقىپسىلەر.
شىۋىلەر
قوشماق ئۆدەك.