Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇۋۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرنى ئويۇن ياسىغان ئۆي.
«سۇۋۇق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
گەمىدىمۇ ئالىم تۇغۇلار. گېرەم يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
گەمە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۇيۇق.
ھەر قانداق سۇيۇق نەرسە؛ شالاڭ. سۇيۇلدۇرۇلغان قېتىق، شىرنە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. سۇۋۇق يۇغۇرت _ سۇيۇق قېتىق. سۇۋۇق قۇزرۇق _ قېچىرنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش قىلى شالاڭ، ئۇزۇن قۇيرۇق. ياغاچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
قىپچاقچە.
3 - 225