Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۇۋېلەر
دۇنيا تارىخى
苏维汇人
sū wéi huì rén
سۇبىلەر ياكى سۇئىبىلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. كائېسانىڭ خاتىرلىنىشىچە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى) سۇۋىلەر رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا تارقالغان بولۇپ، باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر بولغان. ئېيتىلىشىچە ئۇلاردا 100 يېزا - بازار بولۇپ، يىلىغا ھەربىر يېزا - بازاردىن مىڭ ئەسكەر ئېلىپ سىرتقا چىقىپ ئۇرۇشقىلىپ تۇرغان، قالغان كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان؛ ياندۇرقى يىلى ئالماشتۇرۇلۇپ كېلىنگەن. سۇۋېلەر پات - پات كۆچۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇرۇشلۇق زېمىنى بولمىغان؛ قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. تاتسېتنىڭ (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى) خاتىرىسى بويىچە دوناي دەرياسىدىن تارتىپ بالتىق دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە بولغان پۈتكۈل شەرقىي گېرمانىيە رايونى سوبىيە دەپ ئاتىلىدىكەن. رىم ئېمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى(Ⅲ - Ⅴ ئەسىرلەر) سۇۋېلەر ئىمپېرىيە چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچى بىر كۈچ بولۇپ قالغان.409 - يىلى بىرقىسىم سۇۋېلەر ۋانداللار، ئالانىلار بىلەن بىرلىشىپ، گاللىيە ئارقىلىق ئېمپرىيە يېرىم ئارىلىغا باستۇرۇپ كېلىپ، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدا سۇۋېلەر پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 585 - يىلى غەربىي گوتلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان.