Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇ سائىتى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سۇنى ئېقىتىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ مەلۇم قىلىدىغان ئەسۋاب. كىمنىڭ كەشپىيات قىلغانلىقى ۋە ياسىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. سۇ ئاققۇزۇش ئەسۋابى (تۆت دانە چوڭ - كىچىك سۇ چىقىرىش چەينىكى، ئىككى دانە سۇ قوبۇل قىلىش چەينىكى)، ئايلاندۇرۇش ئەسۋابى ۋە ۋاقىتنى ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىدىغان ئەسۋابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا 150 تىن 200 گىچە دەستە بولغان. سۇ چىقرىش چەينىكىدىكى سۇقوبۇل قىلىش چەينىكىگە ئېقىپ چۈشۈپ لەيلىمە ئوقنى لەيلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىدىكى قۇرۇلما ھەر 40 مىنۇتتا چەينەكنىڭ ئۈستىدىكى جازىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىچىك تۆمۈر شارچىنى چۈشۈرۋېتىدۇ. بۇ شارچە تۆۋەندىكى دەستىنىڭ ئۇچىنى بېسىپ چوڭ تۆمۈر شارچىنى يەنە بىر ئۇچىدىن ئېچىلغان كىچىك تۆشۈكتىن دومىلىتىپ قىيپاش يول بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، بىرنەچچە تىرەككە ئورنىتىلغان قۇرۇلمىغا سوقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچ قورچاق قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ ۋاقىتنى، جاڭ ئۇرۇپ جىڭنى مەلۇم قىلىدۇ؛ ھەر ئىككى سائەتتە نۆۋەت بىلەن ۋاقىت كۆرسەتكۈچىنى تىك تۇرغۇزىدۇ