Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇرۇخ ئەلەم قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئىران خەلقىنىڭ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ مىلادى 778 - يىلى كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن. قوزغىلاڭچىلار قولىغا قىزىل قەلەم ئېلىپ، ئۇچىسىغاقىزىل كىيىم كىيىپ، قارا رەڭنى ئۆزىگە بەلگە قىلىپ ئابباسيلار خاندانلىقى بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تارىختا <سۇرۇخ ئەلەم> (<قىزىل تۇغلۇق قوشۇن> مەنىسىدە) قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان. ئەرەب تارىخچىلىرى قوزغىلاڭچىلارنى <مۇھەممىرا> (<قىزىل كىيىملىكلەر> مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان.قوزغىلاڭچىلار كارامىتىلەر مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار فېئوداللىق ئىجارە - باج ۋە ھاشارغا قارشى تۇرۇپ، يەرنى جامائەت مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا ئىسلام دىنىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ 779 - يىلى خەلىپە قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۋېتىلگەن.