Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇرگې
دۇنيا تارىخى
(1828 - 1906) بىرىنچى ئىرتېرناتسىئونال ۋە ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ماركسنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە سەپدىشى. گېرمانىيەدە تۇغۇلغان.گېرمانىيەنىڭ 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1852 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دائىم ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان. ۋېيدېمېيئېرنىڭ سەپدىشى. 1869 - يىلىدىن كېيىن بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئامېرىكا ياچېيكىسىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1872 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ باش ئورگىنى نيو - يوركقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، باش سېكرىتار بولغان. 1875 - يىلى ئىستېپا بەرگەن. لېنىن ئۇنى <بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ پىشقەدەم جەڭچىسى> دەپ ئاتىغان. ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى تارقىتىۋېتىش خىتابنامىسىنى يېزىپ چىققان، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئامېرىكا ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسى (1877 - يىلى سوتسىيال ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن)گە قاتناشقان، كېيىن ئۇ سول قاناتلارنىڭ داھىيىسى بولغان. ئىلمىي كوممۇنىزمنى تەرغىپ قىلىش جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان.