Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھويلا - ئارام، باغ - ۋارانلارغا، ئوچۇق يەرلەرگە ئولتۇرۇش - يېتىش ئۈچۈن يەردىن ئېگىزرەك قىلىپ ياسالغان جاي _ قۇرۇلما.
«بۆگۈلۈك» كات شەكلىدە بولىدۇ.
«سۈكە» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
سۇپىدا ئولتۇرۇپ سۆزلەشتۇق. باغدىكى بۆگۈلۈكتە ئارام ئال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئولتۇرۇش ياكى يېتىپ - قوپۇش مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئۆي ئىچى، پېشايۋان، ھويلا باغ - ئارام ۋە شۇ قاتارلىقلارغا خىش ياكى كېسەك ۋە توپا بىلەن يەردىن 50 - 60 سانتىمېتىر كۆتۈرۈپ سېلىنغان قۇرۇلما، ئورۇن.
ئايۋان سۇپىسى. سۇپا باغلىماق.
ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئۈستى تەكشى ھەم يەردىن ئېگىزرەك بولغان جاي ياكى قۇرۇلما.
ھەيكەل سۇپىسى. ۋوگزال سۇپىسى.
ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمدە ئېگىزلەتكىلى، تۆۋەنلەتكىلى ياكى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىگىلى بولىدىغان رۇستەك.
ئىش سۇپىسى.