Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
桫椤
ئۆسۈملۈك
suō luó
سىياتېيە پاپوروتنىكىDئۇنىۋېرسال
suō luó
سىياتېيە پاپوروتنىكى
بىئولوگىيە
سىياتېئا
سياتېئا پاپوروتىنكى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. غولى تۈۋرۈكسىمان، تىك ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى 3 - 8 مېتر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى بىلەن يوپۇرماق ئوقى توم يىرىك، قېنى قوڭۇررەڭ بولۇپ، زىچ ئۆسكەن تىكىنى بولىدۇ؛ يوپۇرماق ئالىقىنى چوڭ، قەغەزسىمان، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتر كېلىدۇ، ئۈچ قايتىلىنىپ پەيسىمان يېرىلىدۇ، پەيسىمان ئالىقىنى ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ؛ پەي ئوقىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ، ئۈستۈنكى تەرىپىنىڭ كىچىك، پەيسىمان ئوقى توپلىشىپ ئۆسكەن قوڭۇررەڭ ئوقى توپلىشىپ ئۆسكەن قوڭۇررەڭ ئەگمىسى بىلەن تۇتىشىدىغان بوغۇمدا تۈكچىلەر بولىدۇ؛ كىچىك پەيسىمان ئوق بىلەن ئاساسىي تومۇرنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە كۆپۈكسىمان تەڭگىچە يوپۇرماق بولىدۇ، تۆۋەنكى يۈزىدە يوپۇرماق تومۇرىنى بويلاپ ئۆسكەن شالاڭ قىسقا تۈكچىلەر بولىدۇ؛ كىچىك پەيسىمان يوپۇرماق پەيسىمان يېرىلىپ بىر قانچە چوڭ - كىچىك پەي ئوقىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ يېرىلغان يوپۇرماق بۆلۈكى تۆمۈنسىمان بولىدۇ. سپورا خالتا توپى كىچىك تومۇرلار ئاچىماقلانغان ئورۇندىكى كۆتۈرۈلۈپ چىققان خالتا تېگىدە ئۆسىدۇ، خالتا توپى يېپىنچىسى بىر ئاز يۇمىلاق كېلىدۇ. گۇيجۇ، سىچۇەن، گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن ۋە يۈننەنگە تارقىلىدۇ. ئېرىق ياقىسىدىكى ئورمانلارنىڭ تېگىدە ياكى ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. غولىدىن چىقىدىغان كراخمال ئىستېمال قىلىنىدۇ.