Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
索累尔
دۇنيا تارىخى
سورېل
(1842 - 1906) فرنسىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1872 - يىلدىن باشلاپ سىياسىي ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدا دىپلوماتىيە تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1889 - يىلى ئېتىكا ۋە پولېتىكا پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1893 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ <ياۋرۇپا ۋە فرانسىيە ئىنقىلابى> دېگەن سەككىز توملۇق ئەسىرى بولۇپ، قۇرۇلمىسىنىڭ چىڭلىقى، ماتېرىيالىنىڭ تولۇقلۇقى، قەلىمىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان. لېكىن ئۇنىڭدا ناپولىئون ئىززەتلىگەن، فرانسىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكى پەردازلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا <پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى دىپلوماتىيە تارىخى>،<ⅧⅩ ئەسىردىكى شەرق مەسىلىسى> دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى بار.