Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۇمېر
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى苏美尔
sū měi ěr
دائىرە: دۇنيا تارىخى苏美尔
sū měi ěr
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى (ئىفرات ۋە تىگر دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى)دىكى رايونلارنىڭ قەدىمكى نامى. ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدە. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدىلا سۇمېرلار بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئارقا - ئارقىدىن قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئېرىدۇ، ئۇر،ئۇرۇك، لاگاش، كېش قاتارلىق بىرمۇنچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان. ئۇزاق داۋام قىلغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى داۋامىدا، ئۇرۇك، ئۇر، كېش ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈستۈنلۈك قازانغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا لاگاش ئۇر، ئېرىدۇ، ئۇرۇكنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۋالغان. پادىشاھى ئۇرۇكا گېنا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. كېيىن ئۇمما لاگاشنى يوقىتىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈرگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 2371 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى سەمىتلەردىن ئاككودلار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سۇمېر رايونى رايونى ئاككاد پادىشاھلىقى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. سۇمېر قەدىمكى زامان مەدەنىيەت مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، سۇمېرلار مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتىگە ناھايىتى زور ھەسسە قوشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.