Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
苏路克
دائىرە: دۇنيا تارىخىسۇلۇق
(1785 - 1867) ھايتى پادىشاھى (1849 - 1859). نېگىر قۇلنىڭ ئوغلى بولۇپ، ساۋاتسىز. 1803 - يلدىكى فرانسىيىگەقارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، كېيىن پەيدىنپەي قوشۇندا ھوقۇققا ئېرىشكەن. 1847 - يىلى ھايتى جۇمھۇرىيىتىنڭ زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1849 - يىلى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورناتقان. ئۆزىنى <پادىشاھ فائۇستىن Ⅰ> دەپ ئاتىۋالغان. ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ (1849 - 1855 - يىللىرى) مەغلۇپ بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئىگىلكنى ۋەيران قىلىپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. 1859 - يىلى 1 - ئايدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، كېيىن يامايكىغا قېچىپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.