Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۇلتان ئاگۇڭ
دائىرە: دۇنيا تارىخى苏丹阿贡
sū dān ā gòng
(؟ - 1645). ھىندۇنېزىيىدىكى ماتارام دۆلىتىنىڭ (ئىسلام) سۇلتانى (1613 - 1645) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ياۋانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. 1625 - يىلى، ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازار - سورابايانى ئېلىپ، كېيىن كىرېبون قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىشغال قىلىپ، تەسىر كۈچىنى سۇماترا ۋە كالىمانتاننىڭ بانجار ماچىنغىچە كېڭەيتكەن. ئاگۇڭ ئۆزىنى سۇسۇخۇنان (<پادىشاھ ئالەمنى ئېلىش ئالدىدا>دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. 1628 - ۋە 1629 - يىللىرى ئىككى نۆۋەت گوللاندىيە ئىشغالىيىتىدىكى باتاۋىيە (ھازىرقى جاكارتا) نى قورشاۋغا ئېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. 1642 - يىلى، پالېمباڭنىڭ گوللاندىيە تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەۋەتكەن، دېڭىزدا گوللاندىيە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. ئاگۇڭ پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنى رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇبىر پارچە پەلسەپە ئەسەر يېزىپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.