Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇغۇر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يەر ئاستىدىن ئىن كولاپ تۇرىدىغان، قىشتا ئىچەككە كىرىپ كېتىدىغان، ئۆسۈملۈك بىلەن ئۇزۇقلىنىدىغان ھايۋان.
سۇغۇر تاغلاردا ياشايدۇ. * سۇغۇر تېرىسى قىممەتلىك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سۇغۇرماق، سۇغۇرۇش، چىڭ جايلاشقان، تىقىلىغان ئۇزۇنچاق برسىنى تارتىپ چىقارماق.
پېتىر ناندىن قىلنى سۇغۇرغاندەك. * ئۇ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ، دۈشمەننىڭ بېشىغا چاپتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۇغۇر.
بۇنىڭ تېرىسىدىن يامغۇرلۇق قىلىنىدۇ.
1 - 471
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، پۈتۈن تېنى پور كۈل رەڭ ياكى سەل - پەل قارامتۇل سېرىق رەڭدە كېلىدۇ. ئالدىنقى پۇتىنىڭ تىرناقلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، توپا كولاشقا ماھىر، توپلىشىپ ياشايدۇ. قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ. تېرىسىدىن باش كىيىملىرى ۋە جۇۋا تىكىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ چۇما تاياقچە باكتېرىيسىنىڭ ئاساسلىق تارقاتقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.