Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈرمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاش ۋە كىرپىكىنى بويايدىغان بىر خىل قارا گىرىم، سۈرمە:
ئەسھابۇ ئەۋلادى نەيى شەھزادە كەۋنەينى ئەلى،
جەننەت گۈلىنىڭ بۇلبۇلى قىلسام ئەنى سۈرمە قەراغ.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاش - كۆزگە سۈرتىدىغان قارا رەڭلىك ماددا.
كۆزگە سۈرمە سۈرتۈش قەدىمدىن قالغان ئۇدۇم. قېرىغاندا قاشلىقنىڭ نېمە كېرىكى؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مېۋىگە ئوخشاش كراخماللىق، شېكەرلىك ماددىلارنى ئېچىتىپ ياسالغان ئىچكۈلۈك، ئىسپىرتلىك بولىدۇ، كۆپ ئىچسە مەست قىلىدۇ، تۈرى كۆپ، بۇلار ئومۇمىي ناملىرى.
ئىچىملىك ئىچىشتە فرانسۇزلار دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1989 - يىلى فرانسۇزلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 73 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىكنى ئەڭ ئاز ئىچىدىغىنى ياپونلار بولۇپ، شۇ يىلى ياپونلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 6.1 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىك ئىچىش زەھەر ئىچىش دېمەكتۇر. ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھاراق باشنى يارىدۇ. ھاراققا بېرىلگەن قەبرىسىنى ئايلىنار. مەي تىلنىڭ تىزگىنىنى بوشىتىۋېتىدۇ. ئىچتىم شاراب بولدۇم خاراب. نەغمىسىز شاراب - قامچىسىز ئازاب. < شارابقا قاندىم> دېگۈچە،< چاتاققا قالدىم> دە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شاراب، ئىچىملىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<خىم> مېتال ئېلېمنت، بەلگىسى (Stibium)Sb. كۈمۈش رەڭدە بولۇپ، پارقىرايدۇ. چۈرۈك، قاتتىق كېلىدۇ. ئاسانلا ئۇۋىلىپ، پاراشوكقا ئايلىنىدۇ. خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر سانائىتى ۋە تېببىي دورىگەرلىكتە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ قېتىشمىلىرى قوغۇشۇن ھەرپ قۇيۇش ۋە ماشىنا قازىنى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەركىبىدە شۇ خىل ئېلېمېنت بولغان بىر خىل گىرىم بۇيۇمى. رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ. ئاساسەن قاش - كىرپىكلەرنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.