Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈركىلىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<فىز> بىر جىسىم ئىككىنچى بىر جىسىم ئۈستىدە ھەرىكەت قىلغاندا، بۇ ئىككى جىسىم يۈزلىرى ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇلۇق قىلىدىغان بىر خىل قارشىلىق. جىسىملارنىڭ ھەرىكەتلەنگەن ۋاقىتتىكى تېگىشىش يۈزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، بۇ خىل سۈركىلىشمۇ سۈركىلىش ۋە دومىلانما سۈركىلىش دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
كۆچمە. ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ياكى پارتىيە - گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان پايدا - زىيان توقۇنۇشى، نىزا، زىددىيەت.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز سۈركىلىش پەيدا بولدى.