Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈپۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپۈرگە، يامداقلار بىلەن ئەخلەت - ئۇخلەت، چاڭ - توزانلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى تازىلىۋەتمەك.
«يامدىماق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۆينى دائىم سۈپۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چاڭ - توزان، ئەخلەت - چاۋارلارنى سۈپۈرگە بىلەن يىغىپ چىقىرىۋەتمەك؛ تازىلىماق.
ئۆي سۈپۈرمەك. ھويلا سۈپۈرمەك.
كۆچمە. سىقىپ چىقارماق، تازىلىماق.
بىر قىسىم ھەسەتخور، پىتنىخورلارنى جەمئىيەتتىن سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىلا جەمئىيەت خېلى تىنجىيدۇ.