Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۈپەت ئالامىتى
بىئولوگىيە
质量性状
zhìliàngxìngzhuàng
مىقدار ئالامىتىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ. ئادەتتە تەتقىق قىلىنىدىغان ئىرسىي ئالامەتلەر، مەسىلەن، كۆك پۇرچاقنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى، مېۋە چىۋىننىڭ تېنىنىڭ ۋە كۆزىنىڭ رەڭگى، توخۇنىڭ تاجى ۋە قانىتىنىڭ شەكلى، كالا مۈڭگۈزىنىڭ بار - يوقلۇقى ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى سۈپەت ئالامىتى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۇتاش بولمىغان سۈپەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۇلار شالغۇتلاشتۇرۇلغان ئەۋلادتا ئۆز ئارا ئىپادىلەنمەيدۇ، تۈرلىرى ئېنىق بولىدۇ يەنى ياكى تىپلىرى دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ (ئىپادىلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ)، دەرىجىسىمۇ كۆپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىر - ئىككى گېن ياكى بىر - ئىككى جۈپ گېننىڭ مۇھىم رولىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. كلاسسىك گېنېتىكىنىڭ ئومۇمىي ئىرسىيەت پرىنسىپلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرى پۈتۈنلەي سۈپەت ئالامەتلىرىنىڭ ئىرسىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تىكلەنگەن