Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈمۈرگۈچى ئەزا
بىئولوگىيە
باشقا ھايات توقۇلمىدىن ماددا سۈمۈرىدىغان ئالاھىدە ئەزا. توقۇلما ياكى ھۈجەيرە. ئۇ تۆۋەندىكى ھەر خىل ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) پارازىت ياشايدىغان يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارازىت ئىگىسىگە كىرگۈزۈپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يىلتىزى. مەسىلەن، ھەسەل مەيۈزەك، شۇمبۇيا، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار. بۇ خىل يىلتىز پارازىت يىلتىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (2) مۇخنىڭ تۆرەلمىلىك يېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بويۇن تۇخۇم ئورگىنىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى توقۇلمىغا كىرگۈزۈپ ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدىغان بىر قانچە ھۈجەيرە. (3) يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىكى ئالاھىدە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بولغان توقۇلما ياكى ھۈجەيرە. مەسىلەن، تۆرەلمە خالتىنىڭ سۈمۈرگۈچى ئەزاسى، ياردەمچى ھۈجەيرىنىڭ سۈمۈرگۈچى ئەزاسى ئانتى پۇت ھۈجەيرىنىڭ سۈمۈرگۈچى ئەزاسى، تۆرەلمە سۈتىنىڭ سۈمۈرگۈچى ئەزاسى، تۆرەلمە سېپىنىڭ سۈمۈرگۈچى ئەزاسى قاتارلىقلار، (4) بەزى مەخسۇس پارازىت ياشىغۇچى زەمبۇرۇغلارنىڭ سۈمۈرگۈچى قۇرۇلمىسى. بۇنىڭدا زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ قىسمەن ئورنىدا قاپارتما ھاسىل بولۇپ پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ.