Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سۈي يېشۈەن
دۇنيا تارىخى
崔益铉
cuī yì xuàn
(1833 - 1906) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى كۇڭزىچى، پىدائىي ئەسكەرلەر سانغۇنى. ئىسمى زەنچيەن، تەخەللۇسى ميەنيەن، جۇڭجۇلۇق، لى خېڭنىڭ شاگىرتى. 1856 - يىلى ئەمەل تۇتقان.1868 - 1873 - يىللىرى، كۆپ قېتىم مەكتۇپ سۇنۇپ شاھىنشاھنىڭ ناباپ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەچكە جىجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1876 - يىلى يەنە گاۋزۇڭنىڭ <جياڭخۇا شەرتنامىسى>نى ئىمزالىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن قارا تاغ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1898 - يىلى ئىچكى ئوردا مەسلىھەتچىلكىگە تەيىنلەنگەن. 1906 - يىلى <كورىيە - ياپونىيە شەرتنامىسى>غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شاگىرتى يىن بىڭزەن قاتارلىقلار بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چونچاڭ شەھىرىدە ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن رويما ئارىلىغا قاماپ قويۇلغان، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ <كەپىدە> دېگەن ئەسىرى بار.